شىنجاڭ قەشقەر لەنلۇڭ يىپەك يولى مۇسابىقە كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسىنىڭ 2019-يىللق 2- نۆۋەتلىك كۈزپەسىللىك مۇسابىقە قائىدىسى
ئاساسلىق تەشكىللىگۈچى ئورۇن: قەشقەر لەنلۇڭ يىپەك يولى پوچتا كەپتىرى بېقىش چەكلىك شىركىتى.
مۇسابىقىگە نازارەتچىلىك قىلغۇچى ئورۇنلار: پەيزىۋات ناھىيلك پوچتا كەپتىرى جەمئىيتى، يېڭىسار ناھىيلك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى، پوسكام ناھىيلك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى، مارالبېشى ناھىيلك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى،مۇسابىقە كەپتىرى كۇلۇبلىرى ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت ئوبلاستلاردىكى كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ۋەكىللىرى.
ھەر بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش ھەققى 1500 يۈەن ،ئالدىنقى 480 نەپەر مۇسابىقە ماھىرى كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ،ماھىر كەپتەر ئىچىدىكى ئاخىرقى كەپتەرگە بىرىلىدىغان مۇكاپاتى سوممىسى 10000 يۈەن بولىدۇ، كوللېكتىپ مۇكاپاتلىنىدىغان گورۇپپا N نەپەر بولىدۇ، N- 4 دەرىجىگىچە بولغان ھەر بىر ماھىر كەپتەرنىڭ مۇكاپات سوممىسى 5000 بولىدۇ. ھەر قىلغۇچ مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئىرىيشكەن 480 نەپەر كەپتەرنىڭ ئىچىدىن ئەڭ كۆپ قايتىپ كەلگەن كەپتەر گورۇپپىسىغا ، 3 دانە ئاپتوموبىل مۇكاپات تەسسىس قىلىنغان .
مەزكۇر كەپتەرخانىمىزنىڭ ئاساسى نىشانى: ئادىل، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش.
كەپتەر قانچىلىك يىغىلىشتىن قەتئىينەزەر ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 5 مىليون 880 مىڭ يۈەن ئومۇميۈزلۈك تارقىتىلىدۇ.
شىنجاڭ قەشقەرلەنلۇڭ يىپەك يولى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى كەڭ كەپتەر ھەۋەسكارلىرى دوستلارنىڭ قوللىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، ئالاھىدە مىننەتدارلىق پائالىيتى تەسسىس قىلغان بولۇپ ،ئالاھىدە تەلەي مۇكاپات سوممىسى 920 مىڭ يۈەن.
(1) 430 كىلومېترلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 401- دەرىجىدىن 480 دەرىجىگە ئيرىشكەن ھەر كەپتەر 10000يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان بولۇپ، جەمئىي 800 مىڭ يۈئەن تەسسىس قىلىنغان.
(2) ئەڭ كۆپ ئۇۋىسىغا قايتىش سانى مۇكاپاتى 3 نەپەر بولۇپ.ھەر بىرىگە باۋجۈن 310 تىپىلىق ماشىنىدىن بىرى مۇكاپات قىلپ بىرىلىدۇ! 3- ئۆتكەلدە كۈچكە ئىگە دەرىجىگە ئېرىشكەن480 دەرىجىنىڭ ئىچىدە بولغان، ئوخشاش دەرىجە ئاساسىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سانى كۆپ بولغانلار غەلىبە قىلغان بولىدۇ. AB گۇرۇپپىغا ئايرىلمايدۇ. ئوخشاش كەپتەرلەر ئىچىدە باشتا كەلگىنى غەلىبە قىلىدۇ. (3)يۇقارقى ئىككى مۇكاپات تۈرىدە 6دىن يۇقۇرى مۇسابىقە كەپتىرىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش بىلەن چەكلىنىدۇ، ھەمدە 1500 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان كەپتەر ئىگىسى مۇكاپاتلاشقا قاتنىشىدۇ، شۇنىڭ نامىدىكى بارلىق مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ كاپالەت فوندى 60 كىلومېتىرلىق مۇساپە بويىچە مەشىق قۇيۇپ بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىراجىتىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. ھەق ئالغاندا كەپتەر بولمىسا، كاپالەت فوندى تولۇق قايتۇرۇلىدۇ، بېقىش راسخوتى ئېلىنمايدۇ. ئېلان قىلغان كۈنىدىن باشلاپ زاكاز قوبۇل قىلىنىدۇ، زاكاز ۋاقتى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولىدۇ. (ئەمەلىي ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە توردا ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ ). زاكاز قىلغاندا پۇل ئەۋەتىش ئۇچۇرى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش نامى، مۇسابىقە رايون نامى ئېنىق بولۇشى كېرەك.
بىرىنچى مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى:
1 . ئومۇمەن مەزكۇر قائىدە تەرتىپنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئىچىدىكى پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى بىردەك مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەر چوقۇم50-30كۈنلۈككىچە بولغان ساغلام كەپتەر بولۇشى كېرەك، ھەمدە دۆلەت ياكى رايونلۇق پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى بىر تۇتاش تارقاتقان 2019- يىللىق پوچتا كەپتىرى پۇت ھالقىسى بولۇشى كېرەك. ئومۇمەن شۇ رايوندا يۇقۇملۇق كېسەل مەۋجۇت بولغان رايوننىڭ كەپتىرى بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.
2. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان كەپتەرلەرگە كەپتەرخانىمىز ۋاكسىنىنى بىر تۇتاش ئەملەيدۇ. كەپتەر تاپشۇرغاندا ۋاكسىنا ئۇرۇپ بولغان بولسا ،كەپتەر ئىگىسى ئالدىن چۈشەنچە بېرىش كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان كەپتەرلەر كەپتەرخانىمىزغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن مەزكۇر قائىدە تەرتىپلەر، يەنى ئىككى تەرەپنىڭ توختامى كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ چوقۇم توختامدا بەلگىلەنگەن ماددىلارغا رىئايە قىلىشى كېرەك، قائىدە تەرتىپلەر ئۆزگەرتىلمەيدۇ.
3. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا، كەپتەرنىڭ كاتەك نامىنى يوللىغاندىن سىرت، كەپتەر ئىگىسىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ، ئىسىم- فامىلىسى، ئادرېسى ۋە ئالاقىلىىشىش ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك. (كېلىشىم تۈزۈلگەن كەپتەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ)
ئىككىنچى مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىراجىتى ۋە كەپتەرنى تاپشۇرۇش ۋاقتى:
1 . مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ھەربىر كەپتەر ئۈچۈن 1500 يۈەن تاپشۇرىدۇ (بېقىش ھەققى شۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ) ئەگەر مۇسابىقە كەپتىرى2019-يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش، يوقاپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، كەپتەرخانىمىز ۋاقتىدا كەپتەر ئىگىسىگە كەپتەر تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ.
2. 60 كىلومېتىرلىق مۇساپە بويىچە مەشىق قويۇپ بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىكاننېرلانغان سانلىق مەلۇمات بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ھەق ئېلىش ئاساسى قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەر ئىگىلىرى ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرنىڭ سانى بويىچە، 7 كۈن ئىچىدە ئۆزنىڭ نامىدىكى بارلىق كاتەكتە ساقلىنىۋاتقان كەپتەرلەرگە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. ھەمدە ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى كەپتەرداشلار ،ۋەكىللەر يوقلاپ كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . كەپتەر ئىگىلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەق تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسە كەپتەر ئىگىلىرى ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى دەپ قارىلىدۇ. ۋاز كەچكەن پوچتا كەپتەرلىرىنى كەپتەرخانىمىز ھەر قانداق شەكىلدىكى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرمايدۇ، ھەمدە رېپېر ۋە كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا نەق مەيداندا پۇت ھالقىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.
3 . 120 كىلومېتىرلىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە، قەپەزگە كىرمىگەن كەپتەرلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىراجىتى تولۇق قايتۇرۇلىدۇ (1500 يۈەن ).
4. كەپتەرنى تاپشۇرۇش ۋاقتى: 2019-يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولىدۇ. (بايرام ئارام ئېلىش كۈنلىرى ئارام ئېلىنمايدۇ)
5. كەپتەرنى تاپشۇرۇش ئورنى: شىنجاڭ قەشقەر لەنلۇڭ يىپەك يولى مۇسابىقە كەپتەرى ئاممىۋى كەپتەرخانىسى.
مەزكۇر رايون ۋە ئەتراپتىكى كەپتەر ھەۋەسكارلىرىغا قارىتا، ئالدىن كېلىشىپ ئىشىك ئالدىغىچە كەپتەرنى قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى قىلىنىدۇ، سىرتقى رايونلاردىكى كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ئاۋىياتسىيە ، تۆمۈر يول ۋە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوموبىللارغا توشۇشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. (توشۇش ھەققىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ)
6 .كەپتەرخانىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش تىلغۇن نۇمۇرى:
6577633 -0998 18199556905 (ئۈندىدار نومۇرىمۇ مۇشۇ نومۇرغا ئوخشاش) 18199555805
7. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش خىراجىتى بەلگىلەنگەن ھېساب نومۇرىغا بىۋاسىتە يوللانسىمۇ بولىدۇ. پۇل يوللانغاندىن كېيىن چوقۇم پۇل يوللاش قەغىزىنى كەپتەرخانىمىزغا فاكس ئارقىلىق يوللاپ بېرىش كېرەك.
سودا سانائەت بانكىسى 6222033012001691385 ياڭ شۇتىڭ
يېزا ئىگىلىك بانكىسى 6230523660003169077 ياڭ شۇتىڭ
يېزا سانائەت بانكىسى 6212872074058143 ياڭ شۇتىڭ
ئۈچىنچى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تۈرلەر ، ۋاقىت ۋە مۇسابىقە ئارىلىقى :
مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تۈرلەر: بەدەن قىزىتىش بويىچە 120 كىلومېتىر ، 180 كىلومېتىر، 300 كىلومېتىر، 430 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە. كوللېكتىپ مۇسابىقە، كەپتەر پادىشاھى مۇسابىقىسى، قارا، ئاق، پەلەڭ كەپتەر مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى.
بەدەن قىزىتىش بويىچە 120 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە: 10- ئاينىڭ باشلىرىدا پەيزاۋاتتىن قويۇپ بىرىلىدۇ، مۇسابىقە ئاياغلىشىپ ئىككىنچى كۈنى مۇكاپات تارقىتىلىدۇ.
بىرىنچى ئۆتكەل مۇسابىقە 180 كىلومېتىر: 10- ئاينىڭ باشلىرىدا مارالبېشىدىن قويۇپ بىرىلىدۇ. مۇسابىقە ئاياغلىشىپ ئىككىنچى كۈنى مۇكاپات تارقىتىلىدۇ.
ئىككىنچى ئۆتكەل مۇسابىقە 300 كىلومېتىر: 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شاقۇ ئورمانچىلىق مەيداندىن قويۇپ بىرىلىدۇ. مۇسابىقە ئاياغلىشىپ ئىككىنچى كۈنى مۇكاپات تارقىتىلىدۇ.
ئۈچىنچى ئۆتكەل مۇسابىقە 430 كىلومېتىر : 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاقسۇ- خوتەن ھەق ئېلىش پونكىتىدىن قويۇپ بىرىلىدۇ. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئېلىپ بېرىلغان كۈنى مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، ئەگەر ھاۋا كىلىماتى ناچار بولۇپ قالسا مۇسابىقە ۋاقتى كېچىكتۈرىلىدۇ.
تۆتىنچى مۇكاپات تەقسىملەش ۋە قوبۇل قىلىش دەرىجىسى:
1. بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنىڭ 120 كىلومېتىرلىق مۇساپىسى بويىچە، ئالدىنقى يۈز نەپەر كەپتەر مۇكاپاتلىندۇ، ئالدىنقى 3 نەپىرىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تەقدىم قىلىنىدۇ.
1- دەرىجىدىن 100- دەرىجىگىچە ھەر بىر كەپتەرگە 1000 يۈەندىن مۇكاپات بېرىلىدۇ
2 . بىرىنچى ئۆتكەل 180 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە ئالدىنقى 100 نەپەر كەپتەر مۇكاپاتلىندۇ، ئالدىنقى 10 نەپەر كەپتەرنىڭ ھەربىرىگە بىرىدىن مۇكاپات لوڭقىسى تەقدىم قىلىنىدۇ.
1- دەرىجىدىن 100- دەرىجىگىچە ھەر بىر كەپتەرگە 1000 يۈەندىن مۇكاپات بېرىلىدۇ
3. ئىككىنچى ئۆتكەل 300 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە 300 نەپەر كەپتەر مۇكاپاتلىندۇ. ئالدىنقى 10 نەپىرىنڭ ھەر بىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تەقدىم قىلىنىدۇ.
چېمپىيون
|
ئىككىنچى دەرىجە
|
ئۈچىنچى دەرىجە
|
4-دىن 300- گىچە
|
10000يۈەن
|
10000 يۈەن
|
10000 يۈەن
|
1000 يۈەن
|
4 .ئۈچىنچى ئۆتكەل 430 كېلومىتىرلىق مۇسابىقىدە ئالدىنقى 480 نەپەر كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ، ئالدىنقى 10 نەپىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تەقدىم قىلىنىدۇ.
چېمپىيون
|
2- دەرىجە
|
3- دەرىجە
|
4- دەرىجىدىن 10- دەرىجىگىچە
|
11- دىن400- دەرىجىگىچە
|
تەلەي مۇكاپاتى 401- دىن480 گىچە
|
150 مىڭ يۈەن
|
100 مىڭ يۈەن
|
50 مىڭ يۈەن
|
15 مىڭ يۈەن
|
ئون مىڭ يۈەن
|
ئون مىڭ يۈەن
|
5. بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ،بىرىنچى ئۆتكەل، ئىككىنچى ئۆتكەل، قويۇپ بەرگەن كۈنى كۈچكە ئىگە.
430 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنڭ نەتىجە ئۈنۈملۈك ۋاقتى: قويۇپ بەرگەن كۈنىدىن تارتىپ ئىككىنچى كۈنى كۈن پاتقىچە بولىدۇ، ئەگەر مۇسابىقە مەزگىلىدە مۇسابىقە كەپتىرى ئۇۋىسىغا قايتمىسا، بۇ ئۆتكەلدىكى مۇسابىقە ئاياغلىشىدۇ، تەسىس قىلىنغان مۇكاپات قەپەزگە قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئەگەر دەرىجە توشمىسا، قېلىپ قالغان مۇكاپات قەپەزگە قايتقان كەپتەرلەرگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ. (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر ۋە كوللېكتىپ مۇكاپات، رەڭلىك كەپتەر مۇكاپاتىدىن باشقا) تەلەي مۇكاپاتى: 410- دىن 480 – گىچە كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان كەپتەر ئىگىلىرىگىلا تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، رېپېرلار گۇرۇپپىسى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، چاپلاق ئېچىۋېتىلگەن، بۇزۇلغان بولسا، بۇ كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ .
6 . قارا، ئاق، پەلەڭ كەپتىرى مۇكاپاتىدا ھەر بىرىنىڭ ئالدىنقى 3 نەپەر كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ، ھەربىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تەقدىم قىلىنىدۇ.
قارا، ئاق،پەلەڭ كەپتىرى ( %95نى ئىگىلەيدۇ) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.
چېمپىيون
|
ئىككىنچى دەرىجە
|
ئۈچىنچى دەرىجە
|
1000يۈەن
|
1000 يۈەن
|
1000 يۈەن
|
7. كوللېكتىپ مۇكاپات 1دىن- N نەپەرگىچە بولۇپ، ئالدىنقى ئون نەپەرگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى تەقدىم قىلىنىدۇ.
چېمپىيون
|
ئىككىنچى دەرىجە
|
ئۈچىنچى دەرىجە
|
4-دىن N- نەپەرگىچە
|
20 مىڭ يۈەن
|
15 مىڭ يۈەن
|
10 مىڭ يۈەن
|
5 مىڭ يۈەن(ئوخشاش بىر گۇرۇپپىدىن 2 دانە)
|
كوللېكتىپ مۇسابىقە: ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى 480 نەپەر كەپتەرنىڭ ئىچىدىن مەيدانغا كېلىدۇ، ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ نامىدا 6 دانە كەپتەر تاپشۇرسا كوللېكتىپ سالاھىيەتكە ئىگە بولىدۇ، 60 كىلومېتىرلىق كاتەك تازىلاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن 6 نىڭ ھەسسىلىگىدىن ئاشقانلىرى..... C،B،A دەرىجە بويىچە ئايرىلىدۇ. 5 كۈن ئىچىدە گۇرۇپپىغا بۆلۈنمىگەنلەرنى كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ھالدا دەرىجىگە ئايرىيدۇ. ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ نامىدا بولمىسا گۇرۇپپا تەشكىللەشكە بولمايدۇ، تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ئوخشاش گۇرۇپپىدىن دائىرىگە كىرگىنى 2 دىن ئاشسا غەلىبە قىلغان بولىدۇ، دائىرىگە كىرگەن سانى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ئالدىدا كەلگىنى غەلىبە قىلىدۇ.
8.ئۈچ ئۆتكەلدىكى ئۇنېۋېرسال كەپتەر شاھى مۇكاپاتى: ئالدىنقى 10 نەپەر كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ، ھەم نەتىجىگە ئىيرىشكەن كەپتەرگە لوڭقا تەقدىم قىلنىدۇ.
چېمپىيون
|
ئىككىنچى دەرىجە
|
ئۈچىنچى دەرىجە
|
4-دىن 10-گىچە
|
10 مىڭ يۈەن
|
10 مىڭ يۈەن
|
10 مىڭ يۈەن
|
5000 يۈەن
|
كەپتەر شاھىنى بىكىتىش ئۇسۇلى :180 كىلومىتىر،300كىلومىتىر،
430 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە كۈچگە ئىگە دەرىجە ئىچىدە تارماق سۈرئىتى ئۆز- ئارا قوشۇلىدۇ، يۇقىرى بولغانلىرى غەلبە قىلغان بولىدۇ،ئەگەر ئوخشاش سۈرئەت ئەھۋالى كۆرۈلسەئۈچىنچى ئۆتكەلدە ئۇچۇش سۈرئىتى يۇقۇرى بولغان كەپتەر غەلبە قىلغان بولىدۇ.
بەشىنچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر، ئۇۋىغا قايتقان كەپتەرلەرنىڭ تەۋەلىكىنى ئايرىش ئۇسۇلى:
1. ئۈچ ئۆتكەلدىكى مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئەگەر دەرىجە توشۇپ كەتكەن، ئۇۋىغا قايتقانلار سانى كۆپ بولسا، كۈچەيتمە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ، كەپتەر ئىگىلىرى ئىختىيارى قاتنىشىدۇ، ئەگەر ھەق تاپشۇرمىسا، پەقەت دەرىجىگىلا تۇرغۇزۇلىدۇ، مۇكاپات بېرىلمەيدۇ، مۇكاپات يۇقىرىغا سۈرۈلۈپ، دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەر ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ ھەممىسى كىم ئارتۇق سودىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.
2. كۈچكە ئىگە بولغان 480 نەپىرى، كىم ئارتۇق سودىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. كىم ئارتۇق سودىسىدىكى كىرىمىنىڭ %60ى كەپتەر ئىگىسىگە تەۋە بولىدۇ، %40ى كەپتەرخانىغا تەۋە بولىدۇ.
3. كىم ئارتۇق سودىسىدا سېتىلمىغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنى كەپتەر ئىگىسى كىم ئارتۇق سودىسى تۆۋەن باھاسى %40 بويىچە ئېلىپ كېتىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن، كېيىن قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنى، كەپتەر ئىگىسى ئىناۋەتلىك ئىسپاتقا تايىنىپ ھەقسىز ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، توشۇش ھەققىنى ئۆزى چىقىرىدۇ. كىم ئارتۇق سودىسى ئاياغلىشىپ 10 كۈن ئىچىدە، كەپتەر ئىگىسى كېلىپ ئېلىپ كەتمىسە ۋاز كەچكەن ھېسابلىنىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرنى كەپتەرخانىمىز ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
4. مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ مۇكاپاتى ۋە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن شەكىللەنگەن مۇناسىۋەتلىك باج تۈرلىرىگە قارىتا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ ئىگىسى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.
ئالتىنچى، مۇسابىقە چارىسى:
1. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى تارقاتقان «پوچتا كەپتىرى مۇسابىقە چارىسى ۋە رېپىرلار قانۇنى» قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
2. ھەر قايسى تۈر مۇسابىقىسىنىڭ رېپېرلىرى يېڭىسار، پەيزىۋات ، مارالبېشى پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ۋە ھەر قايسى جايلاردىكى كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللىنىپ، ھەر قايسى مەيدان مۇسابىقىدىكى كەپتەرنى يىغىش، كەپتەرنى قويۇپ بېرىش، قويۇپ بېرىشكە نازارەت قىلىش ۋە نەتىجە بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئېلېكتىرونلۇق سىكاننېرلاپ ۋاقىت ھېسابلاش سىستېمىسى قوللىنىپ، تارماق تېزلىك بويىچە دەرىجىگە تىزىلىدۇ، ئەگەر توسالغۇ ۋە قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار يۈز بەرسە، جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇسابىقە قائىدىسى بۇيىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
3. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر 5 كىلومېتىردىن- 100 كېلومىتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا كەم دېگەندە 10قېتىمدىن12 قېتىمغىچە بولغان كۆندۈرۈپ قويۇپ بېرىش مەشىقىگە قاتنىشىدۇ، ئالاقىدار ئۇچۇرلار كەپتەرخانا تور بېكىتىدە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ. (جۇڭگو پوچتا كەپتىرى ئۇچۇر تورى)
4. ھەر بىر ئۆتكەلدىكى مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئۆتكەلدىكى 58،28،18،8-دەرىجىگە ئىيرىشكەن كەپتەر ئىگىلىرى ۋەكىللىرى
كەپتەرخانىدا تۇرۇپ، كەپتەر يىغىش، كەپتەر قويۇپ بېرىش، نازارەت قىلىشقا قاتنىشىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە 200 يۈەن تولۇقلىما قىلىنىدۇ.
5. كەپتەرخانا خىزمەتچى خادىملىرى بىردەك مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ.
6. قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللارغا يولۇقۇپ، ياكى دۆلىتىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىگە زىت بولۇپ، مۇسابىقە بىكار قىلىنسا، كەپتەرخانا كەپتەر ئىگىسىگە 1500 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، كەپتەر ئىگىسى كەپتەرخانىدىكى كەپتىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ.
7. كەپتەرخانىمىز كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار قانۇنى بەلگىلىمسى بويىچە، بارلىق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ۋە ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
8. بۇ قائىدە تەرتىپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى قەشقەرلەنلۇڭ يىپەك يولى پوچتا كەپتىرى بېقىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە بولىدۇ.

|