شىنجاڭ جۈنۋېي ئاممىۋى كەپتەرخانىسى
2020-يىلى كۈزلۈك ئارمىيە بايرىقى لوڭقىسى مۇسابىقە نىزامنامىسى
شىنجاڭ جۈنۋېي مۇسابىقە كەپتىرى كەپتەرخانىسى
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن:
شىنجاڭ سانجى جۈنۋېي مۇسابىقە كەپتىرى كۇلۇبى
بېجىرگۈچى ئورۇن :شىنجاڭ جۈنۋېي
ئاممىۋى كەپتەرخانىسى
نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى
ئورۇن: شىنجاڭ سانجى شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى
بىرىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتى
1. بۇ قائىدىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پوچتا كەپتىرى
ھەۋەسكارلىرى قاتناشسا بولىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ھەقىقىي ئىسىم- فامىلىسى بىلەن قاتنىشىشى كېرەك. كەپتەر
تاپشۇرغاندا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم - فامىلىسى بىلەن ئېلىنىدۇ (مەسىلەن ؛ 1. ئىسىم
- فامىلىسى 2. كەپتەرخانا + ئىسىم - فامىلىسى)، مۇكاپات پۇلى ئالغاندا كىملىك، پۇل تاپشۇرغان
تالۇن ئارقىلىق ئېلىشى كېرەك
.
2. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەردە چوقۇم 2020- يىللىق دۆلەت ياكى رايوننىڭ
رەسمىي پۇت ھالقىسى بولۇشى كېرەك .
3. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەر چوقۇم 30 - 50 كۈنلۈك
ساغلام باچكا بولۇشى كېرەك، تۇرۇشلۇق جايدا يۇقۇم ئەھۋالى
بار مۇسابىقە كەپتىرى بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.
4.
كەپتەرخانىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش
ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ، ئەگەر كەپتەر تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى كەپتەر ئىگىسى ئۆز ئالدىغا
ۋاكسىنا ئەملىگەن بولسا، كەپتەر تاپشۇرغاندا بىزگە ئېيتىشى لازىم.
5.
مۇسابىقە تۈرلىرى: ئۈچ ئۆتكەل مۇسابىقىسى، سەرخىللار مۇسابىقىسى،
كوللېكتىپ مۇسابىقە، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى،
ئاپتوموبىل مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى، ئۆتكەل قۇشۇش مۇسابىقىسى.
تۈر
ۋاقتى
ئورنى
1 - ئۆتكەل (
180 كىلومېتىر ) 2020 - يىلى 10 - ئايدا كۇيتۇن چوڭ داۋىنى
2 - ئۆتكەل (
300 كىلومېتىر ) 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توتو مۇلازىمەت رايونى
3-ئۆتكەل ( 500
كىلومېتىر ) 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى سايرام كۆلى
ئىككىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىراجىتى، كەپتەر يىغىۋېلىش
ۋاقتى، ئورنى
1.
مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى ھەر بىر كەپتەر 2600 يۈەن .
2. 100
كىلومېتىرلىق مەشىق سىنىقىدا، سانجى شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى رېپىرلار
گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىدۇ ھەمدە كەپتەرخانىنى چارلاشقا كەپتەرچى دوسلارنى ۋەكىل قىلىپ تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە كەپتەرلەرنى
بىر - بىرلەپ سىكاننېرلايدۇ، بېسىپ چىقىرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ،
مۇسابىقە كەپتىرى ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كەپتەرلار سانىلىدۇ ھەمدە
ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرىدۇ، ھەر
بىر كەپتەر 2600 يۈەن، ( بېقىش باشقۇرۇش ھەققى 200 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )
كېيىنكى مەزگىلىدە ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرنىڭ ئىگىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش
قىلىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ،
ھەق ئېلىشتا رېپىرنىڭ قولدا سانىغان سانلىق مەلۇماتىنى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. پۇلنى ۋاقتىدا
تاپشۇرمىغانلار ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچتى دەپ قارىلىپ،
مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ، ئۇنى كەپتەرخانا ئۆزى بىر تەرەپ
قىلىدۇ.
3.
كەپتەر تاپشۇرغاندا ھەر بىر كەپتەر ئىگىسى 2600 يۈەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ
( 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان
ئەزالارنىڭ قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتش ئۈچۈن مۇسابىقىدىن بۇرۇن ھەر بىر ئادەمگە
500 يۈەن نەق پۇل قىزىل بولاق مۇكاپات بېرىدۇ). كەپتەر سانالغاندىن كىيىن كاپالەت
پۇلى ئاپتوماتىك ھالدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىگە ئۆزگەرتىلىپ، زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان ئەزالارنىڭ بارلىق كەپتىرى
ھەقسىز ئاپتوموبىل مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشسا بولىدۇ. ( مۇكاپات
ئاپتوموبىلى بېنىز L180A 230 مىڭ يۈەن قىممىتىدە).
4. 1
- ئۆتكەل ( 180 كىلومېتىر ) مۇسابىقىسىدە قەپەسكە قايتىپ كەلمىگەن كەپتەر ئۈچۈن مۇسابىقىگە
قاتنىشىش ھەققى 2600 يۈەن تولۇق قايتۇرۇلىدۇ.
5. كەپتەر
يىغىش ۋاقتى : 2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە (ھېيىت
بايرام كۈنلىرىدىمۇ ئارام ئالمايدۇ ).
6. كەپتەر
يىغىۋېلىش ئورنى : سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى جۈنۋېي مۇسابىقە كەپتىرى كەپتەرخانىسى.
7. باشقا
جايلاردىكى كەپتەرلەرچى دوسلار مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماقچى بولغان كەپتىرىنى
ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايرودرومىغا، ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى
توشۇش بېكىتىگە، شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىگە ئەۋەتسە بولىدۇ،
لېكىن چوقۇم ئەۋەتىشتىن بۇرۇن بىز بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك .
ئۈچىنچى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، پۇل تۆلەش ئۇسۇلى
مۇسابىقىگە
قاتناشقان بارلىق كەپتەرلەر مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى ئاممىۋى
كەپتەرخانىغا
بىۋاسىتە تاپشۇرىدۇ ياكى كەپتەرخانىنىڭ ئامانەت ھېساۋاتىغا
قويىدۇ،
پۇل سالغاندىن كېيىن پۇل ئۇرۇش ئىسپاتىغا
مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى
قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ فاكس ياكى ئۈندىداردىن جۈنۋېي
ئاممىۋى كەپتەرخانىسىغا ئەۋەتىدۇ. ( پۇل
ئۇرغاندىن
كېيىن كەپتەر ئىگىسى بانكا كۆتىكىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك )
كەپتەت تاپشۇرۇش
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى : 18096835177 18096835977
فاكس نومۇرى :
2210909 - 0994
كەپتەرخانا تېلېفونى : 2210808 - 0994
سودا - سانائەت
بانكىسىنىڭ كارتا نومۇرى : 6222083002006594527، ليۇ يۇڭجۈن
ھېساب ئاچقان
بانكا : ئۈرۈمچى شەھىرى يېكەنكۆل مەيدانى تارماق بانكىسى
يېزا ئىگىلىك
بانكىسىنىڭ كارتا نومۇرى : 6228453018080403673
ھېساب ئاچقان
بانكا : سانجى شەھەرلىك تارماق بانكا
قۇرۇلۇش
بانكىسىنىڭ كارتا نومۇرى : 6210814540002453165
ھېساب ئاچقان
بانكا : ئۈرۈمچى شەھىرى يېكەنكۆل تارماق بانكىسى
مالىيە تېلېفونى
: 18096835955 ( ئۈندىدار نومۇرى ئوخشاش )
تۆتىنچى، مەشىق قىلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى
1. جۇڭگو پوچتا
كەپتىرى جەمئىيىتى تارقاتقان « جۇڭگو پوچتا كەپتىرى مۇسابىقىسى قائىدىسى ( 2015 )»
ۋە « ئاممىۋى كەپتەرخانا باشقۇرۇش تەپسىلىي
قائىدىسى » نى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك .
2. مۇسابىقە
كەپتىرى كەپتەرخانىغا كىرگەندە دەرھال ئېلېكترونلۇق پۇت ھالقىسىنى
تاقايدۇ، ئەگەر مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر 2020 - يىلى 6 -
ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن بۇرۇن كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش، يۈتۈپ
كېتىش
قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرسە، كەپتەرخانا كەپتەر
ئىگىسىنىڭ تولۇقلاپ تاپشۇرۇشىنى ئۇقتۇرىدۇ.
3.
9 - ئايدا يول مەشىقى باشلىنىدۇ، مۇسابىقە كەپتىرى مەشىق قىلىش، بېقىش مەزگىلىدە
كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش، يوقاپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرسە تەبىئىي شاللىنىش دەپ
قاراپ، كەپتەرخانا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى
ئۈستىگە ئالمايدۇ. مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ سۈپىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 3 دىن
100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا 10 - 12 قېتىمغىچە مەشىققە سالىدۇ، كەپتەرخانا كەپتەر يىغىش، قويۇپ بېرىش مەزگىلىدە ئەمەلىي كەپتەر سانىنى
ۋاقتىدا تورغا چىقىرىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرداشلار بىلەن پىكىر
ئالماشتۇرىدۇ.
4.
ھەر قېتىملىق مۇسابىقە تۈگەپ كەپتەرلەر ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەندىن
كېيىن، كەپتەرلار نورمال ئۇچۇرىلىدۇ بۇ ئارىلىقتا ئەگەر يۈتۈپ
كەتكەن بولسا، كەپتەرخانا ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
5. كەپتەرخانا قوشۇلما ئۆتكەل مۇسابىقىسى
ئۆتكۈزىدۇ، ئۈچىنچى ئۆتكەلدە ئۇۋىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرنىڭ
سانى 800دىن ئاشسا ( مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا) ، قوشۇلما ئۆتكەل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بارلىق كەپتەرلەرنىڭ
ھەممىسى قوشۇلما ئۆتكەل مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
قوشۇلما ئۆتكەل مۇسابىقىسىدە كەپتەرچى دوسلار ئۆز
ئىختىيارلىقى بىلەن ھەق تاپشۇرۇش پرىنسىپى قوللىنىلىدۇ. قەپەزگە قايتىپ مۇسابىقىگە
قاتناشقان كەپتەرلەرگە ھەق تاپشۇرمىسا پەقەت رەت تەرتىپى سانىلىدۇ مۇكاپاتقا
ئېرىشمەيدۇ، لېكىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشقاندا، مۇكاپات سوممىسى كېيىنكى
دەرىجە بويىچە تەدرىجىي كىرگۈزۈلىدۇ. كونكرېت قائىدىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن
كېيىن تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلىدۇ. كەپتەرنىڭ ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن كەپتەرخانا كەپتەرلەرنى نورمال ئۇچۇرىدۇ، ئەگەر يۈتۈپ كەتسە، كەپتەرخانا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ .
6. مۇسابىقە
كەپتىرى كەپتەرخانا كىرگەندىن
باشلاپ
يۇقارقى قائىدىگە قوشۇلدى دەپ قارىلىدۇ، ئەگەر مۇسابىقە ماجراسى كۆرۈلسە، شىنجاڭ
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ كېسىم ھەيئىتى كېسىم چىقىرىپ
ئاخىرلاشتۇرىدۇ .
7. مۇسابىقىنىڭ
ئادىل، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، كەپتەرچى دوستلار ھەر
ۋاقىت ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ بېقىش،
تەربىيىلەش، ئۈچ ئۆتكەل مۇسابىقىسىنى پۈتۈن نازارەت
قىلسا بولىدۇ. ياتاق تاماقنى ئاممىۋى كەپتەرخانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
8. ئۈچ ئۆتكەل
مۇسابىقىسىدە قويۇپ بېرىشكە ماس كەلمەيدىغان ھاۋا رايى ۋە ئەھۋال كۆرۈلسە،
مۇسابىقە ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدۇ ياكى تاللىنىدۇ، شۇ چاغدا ئاممىۋى كەپتەرخانا ئالاقە تورى ياكى قىسقا
ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
بەشىنچى، مۇكاپات پۇلىنى تەقسىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش
تەرتىپى
1 - ئۆتكەل 180
كىلومېتىر بولۇپ ، ئالدىنقى 100 نەپەر تاللىنىدۇ ( ئالدىنقى 3
نەپەردىن ئېسىل مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ ).
چېمپىيون : 5000
يۈەن
ئىككىنچى : 5000
يۈەن
ئۈچىنچى : 5000
يۈەن
4 -دىن 100
-گىچە: 1000 يۈەن
2 - ئۆتكەل 300
كىلومېتىر بولۇپ، ئالدىنقى 100 نەپەر
تاللىنىدۇ
( ئالدىنقى 3 نەپەرگە ئېسىل مۇكاپات لوڭقىسى
تارقىتىلىدۇ ).
چېمپىيون : 10000
يۈەن
ئىككىنچى : 10000
يۈەن
ئۈچىنچى: 10000 يۈەن
4 -دىن 100-گىچە: 2000 يۈەن
3 - ئۆتكەل 500
كىلومېتىر بولۇپ، ئالدىنقى 500 نەپەر تاللىنىدۇ( ئالدىنقى 10 نەپەرگە ئېسىل
مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ).
چېمپىيون :
300000 يۈەن
ئىككىنچى:
200000 يۈەن
ئۈچىنچى: 100000
يۈەن
4 -دىن 10-گىچە : 40000 يۈەن
11
-دىن 100-گىچە: 18000 يۈەن
101
-دىن 500-گىچە : 16000 يۈەن
چوڭ كوللېكتىپ
مۇسابىقە: كەپتەرچى دوسلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان كەپتىرنىڭ
سانى 10 غا يەتسە چوڭ كوللېكتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش
سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، كەپتەرنىڭ سانى ئوننىڭ ھەسسىلىك سانىدىن ئېشىپ كەتسە
A،B،C دەپ گوروپپىغا بۆلسە بولىدۇ، كەپتەر سانالغاندىن كېيىن
گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، چوڭ كوللېكتىپ سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان كەپتەر ئىگىلىرى فاكس ياكى ئۈندىدار شەكلىدە ئاممىۋى كەپتەرخانىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كەپتەرخانىنىڭ جاۋاب
قايتۇرۇشنى ئۆلچەم قىلىدۇ؛ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، كەپتەرخانا كومپيۇتېردا
ئىختىيارىي رەتكە تىزىدۇ،
رەت تەرتىپى
ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
ئالدىنقى بەشكە نەپىس مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ، كوللېكتىپ
مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى 500 نەپەرنىڭ
ئىچىگە كىرگەن كەپتەر سانى كۆپ بولغانلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ( ئىككىدىن ئارتۇق
كەپتەر 500 نىڭ ئىچىگە كىرسە سالاھىيىتى بار بولىدۇ)،
ئەگەر 500 نىڭ ئىچىگە كىرگەن كەپتەرنىڭ سانى ئوخشاش
بولسا،
بېشىدا دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ رەت تەرتىپى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
چېمپىيون : 80000
يۈەن
ئىككىنچى: 60000
يۈەن
ئۈچىنچى: 40000
يۈەن
تۆتىنچىسى : 20000
يۈەن
بەشىنچى : 20000يۈەن
كىچىك كوللېكتىپ
مۇسابىقە: بىر كەپتەر ئىگىسىنىڭ نامىدا تاپشۇرغان كەپتەرنىڭ سانى ئالتىگە يەتسە كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش
سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، تاپشۇرغان كەپتەرنىڭ سانى ئالتىنىڭ ھەسسىلىك سانىغا يەتسە A،B،C دەپ گوروپقا بۆلسە
بولىدۇ. سانالغاندىن كېيىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان
كەپتەر ئىگىسى فاكس ياكى ئۈندىدار شەكلىدە ئاممىۋى كەپتەرخانىغا ئۇقتۇرۇش
قىلىپ، ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ جاۋاب
قايتۇرۇشنى ئۆلچەم قىلىدۇ؛ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، ئاممىۋى كەپتەرخانا كومپيۇتېردا
ئىختىيارىي
رەتكە تىزىدۇ، ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۆزگەرتىشكە
بولمايدۇ. ئالدىنقى يىگىرمە نەپەردىن ئالدىنقى ئون نەپەرگە نەپىس مۇكاپات
لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ، كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە ھەل
قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى 500 نەپەرنىڭ ئىچىگە كىرگەن
كەپتەر
سانى كۆپ بولغانلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ( ئىككىدىن ئارتۇق كەپتەر 500 نىڭ ئىچىگە كىرسە سالاھىيىتى بار
بولىدۇ
)، ئەگەر 500 نىڭ ئىچىگە كىرگەن كەپتەرنىڭ سانى ئوخشاش
بولسا،
بېشىدا دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ رەت تەرتىپى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
چېمپىيون: 50000
يۈەن
ئىككىنچى: 40000
يۈەن
ئۈچىنچى: 30000
يۈەن
4 -دىن 20-گىچە: 40000
يۈەن
ئۈچ ئۆتكەل
كەپتەر شاھى: ئالدىنقى ئالتىنچىسى تاللىنىدۇ ( ئالدىنقى
ئالتىنچىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا نەپىس مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ).
1
- ئۆتكەل 2 - ئۆتكەل 3 - ئۆتكەل مۇسابىقىسىدىكى ئوخشاش بىر كەپتەرنىڭ ئۈچ ئۆتكەلدىنى مىنۇت تېزلىكىنى ئۆزئارا قوشۇلۇپ،
مىنۇتلۇق سۈرئىتىنىڭ يۇقىرىسى غەلىبە قىلىدۇ،
ئەگەر 500 نىڭ ئىچىگە كىرگەن كەپتەرنىڭ سۈرئىتى ئوخشاش
بولسا،
بېشىدا دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ رەت تەرتىپى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
چېمپىيون: 20000
يۈەن
ئىككىنچى: 20000
يۈەن
ئۈچىنچى:
20000 يۈەن
4 -دىن 6-گىچە: 10000 يۈەن
ئالتىنچى، كەپتەرخانىنىڭ ئۇچۇرۇش، كىمئارتۇق قىلىپ
سېتىش ۋە كەپتەرنىڭ تەۋەلىك چارىسى
1. مۇسابىقىدە
جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى ئېتىراپ قىلغان ئېلېكترونلۇق سىكانىرلاش ۋاقىت تەرتىپى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئېلېكترونلۇق ۋاقىت
ھېسابلاش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى باشقا كونتىرول
قىلغىلى بولمايدىغان ئامىللار كۆرۈلسە، مۇسابىقە كەپتىرى ئۇۋىسىغا قايتىشتىن بۇرۇن
ئېلېكترونلۇق سىكانىرلاش سىستېمىسى سىكانىرلىيالمسا مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ،
مۇكاپات پۇلىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرگە
تەڭ تەقسىم قىلىدۇ؛ مۇسابىقە كەپتىرى قەپەسكە قايتىش جەريانىدا
ئېلېكترونلۇق سىكانىرلاش سىستېمىسىدا كاشىلا يۈز بەرسە،
كاشىلىدىن ئىلگىرىكى دەرىجىگە ئېرىشىكەن
كەپتەرلانىڭ
مۇكاپاتى نەقلەشتۈرىلىدۇ، ئېشىپ قالغان مۇكاپاتنى
كاشىلا كۆرۈلگەندىن كېيىن نورمال ئۇۋىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلارگە تەڭ بۆلۈپ
بېرىلىدۇ.
2. ئالدىنقى ئىككى ئۆتكەل مۇسابىقىسىدە شۇ كۈنى قويۇپ بېرىلگەن كەپتەرلەر
شۇ كۈنى قايتىپ كەلمىسە مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ. مۇكاپات پۇلىنى قەپەسكە قايتىپ
كەلگەن كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرنىڭ سانى
قوبۇل قىلىنىدىغان كەپتەرنىڭ سانىغا توشمىسا مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ. ئېشىپ قالغان
مۇكاپات پۇلى قەپەستىكى كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن
كەپتەر بۇنىڭ سىرتىدا .
3.3 - ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى(تامغا بېسىلىپ پىچەت چاپلىنىدۇ) ئەگەر
شۇ كۈنى كەپتەر ئۇۋىسىغا قايتمىسا، مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ، مۇكاپات پۇلى قەپەستىكى
كەپتەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. شۇ كۈنى ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەر قوبۇل
قىلىدىغان كەپتەرنىڭ سانىغا يەتمىگەندە، ئەتىسى داۋاملىق قوبۇل قىلىنىپ، كۈن
ئولتۇرغاندىن كىيىن بىر سائەت ئۇزارتىلىدۇ، ئىككى كۈن قوبۇل قىلىنغان كەپتەرنىڭ
سانى قوبول قىلىدىغان كەپتەرنىڭ سانىغا يەتمىگەندە مۇسابىقە ئاياغلىشىدۇ،
تىزىملانغان كەپتەر مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرىلىدۇ، ئېشىپ قالغان مۇكاپات پۇلىنى
قەپەستىكى كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر بۇنىڭ
سىرتىدا؛ ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرنىڭ تامغا بېسىلىپ چاپلانغان پېچەت ئۆلچەملىك
بولسا نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىنىدۇ؛ ئەگەر پېچەت يىرتىلغان، بۇزۇلغان بولسا بۇ
كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، رەت تەرتىپى ھېسابلانمايدۇ.
4. كەپتەرنى يىغىپ مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى يۇقۇملۇق كېسەل بايقىلىپ
قالسا ياكى باشقا ئەھۋال كۆرۈلسە، ۋە ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بىلەن
توقۇنۇشۇپ قېلىپ، مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمىسا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى
بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاممىۋى كەپتەرخانا كەپتەرنىڭ بېقىش ھەققىنى ئېلىپ، كەپتەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
5. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپات پۇلى ۋە كىمئارتۇق
قىلىپ سېتىش تاپاۋىتىنىڭ باج ھەققىنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر ئىگىسى ئۆزى
ئۈستىگە ئالىدۇ .
6. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەردىن ئالدىنقى
500 نەپەر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش تاپاۋىتىنىڭ % 60 ى
كەپتەر ئىگىسىگە، % 30 ى ئاممىۋى كەپتەرخانىغا، % 10 ى تەشكىللەش خىراجىتى بولۇپ،
سېتىلمىغان كەپتەرنى كەپتەر ئىگىسى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باھاسىنىڭ % 40 ىنى
تۆلەپ ئۆزى ئېلىپ كېتىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن كەپتەرنى ئاممىۋى كەپتەرخانا
ھەقسىز ئېلىپ كېتىشنى ئۇقتۇرىدۇ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 10
كۈن ئىچىدە كەپتەر ئىگىسى كەلمىسە ۋاز كەچتى دەپ قارىلىدۇ، بۇنى بېجىرگۈچى ئورۇن
بىر تەرەپ قىلىدۇ. باشقا جايدىكى كەپتەرلەرنى ئاممىۋى كەپتەرخانا توشۇشقا مەسئۇل
بولىدۇ، لېكىن كەپتەر ئىگىسى ئۆز ۋاقتىدا كەپتەرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىرا
ھەققىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ( ئىزاھات : توشۇش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز
بەرسە، ئاممىۋى كەپتەرخانا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ).
7. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنىڭ باشلىنىش باھاسى : چېمپىيون
30000 يۈەندىن، ئىككىنچى 20000 يۈەندىن، ئۈچىنچى 10000 يۈەندىن، 4 -دىن 10-گىچە
6000 يۈەندىن، 11-دىن 100-گىچە 3000 يۈەندىن، 101 - دىن 500 - گىچە 2500 يۈەندىن، كەپتەر شاھىنىڭ ئالدىنقى 3 چى 6000 يۈەندىن، كەپتەر شاھىنىڭ 4 -دىن 10-گىچە 3000 يۈەندىن باشلىنىپ
سېتىلىدۇ.
8. كەپتەر قانچىلىك يىغىلىشتىن قەتتىنەزەر مۇسابىقە نورمال ئۆتكۈزۈلىدۇ،
مۇكاپات پۇلى تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. كەپتەر يىغىش كۈنىدىن باشلاپ توردا
كەپتەر يىغىش ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ.
9. بۇ قائىدىنى ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ جۈنۋېي مۇسابىقە
كەپتىرى كەپتەرخانىسىغا تەۋە .
ئاممىۋى كەپتەرخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى : ليۇ يۇڭجۈن .
شىنجاڭ جۈنۋېي ئاممىۋى كەپتەرخانىسى 2020 - يىللىق سەرخىللار مۇسابىقىسى
قائىدىسى
( 500 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بارلىققا كېلىدۇ )
1. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى ھەر بىر كەپتەر 2000 يۈەن، 1000 كەپتەر يىغىش
بىلەن چەكلىنىدۇ.
2. سەرخىللار مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش ۋاقتى: كەپتەر سانالغاندىن كېيىن
ھالقا نومۇرى بېكىتىلىدۇ ھەمدە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ، بېكىتىلىپ بولغاندىن كىيىن
ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. يوقاپ كەتكەن، ئۆلگەن كەپتەرنى تەبىئىي شاللىنىش بويىچە بىر
تەرەپ قىلىنىدۇ.
3. سەرخىللار مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش تېلېفونى : 2210808 - 0994 18096835955
4. مۇكاپات پۇلىنى تەقسىملەش ئۇسۇلى
چېمپىيون : 300000
يۈەن
ئىككىنچى : 200000
يۈەن
ئۈچىنچى
: 100000 يۈەن
4 -دىن 10-گىچە: 30000 يۈەن
11
-دىن 60-گىچە: 20000 يۈەن
5. تىزىملانغان كەپتەر 1000 غا يەتمىسە تىزىمغا
ئالدۇرۇش ھەققىنىڭ % 90 ى بويىچە مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، مۇكاپات
تەقسىم قىلىش ئۇسۇلى
چېمپىيون : %
15
ئىككىنچى : % 10
ئۈچىنچى
: % 5
4 -دىن 10-گىچە: %
10
11 -دىن
60-گىچە: %
50
ئەگەر
500 كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش مەزگىلىدە ئۇۋىسىغا
قايتقان كەپتەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش رەت تەرتىپى توشمىسا، ئېشىپ قالغان دەرىجە
مۇكاپاتىنى 500 كىلومېتىرلىق سەرخىللار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان قەپەستىكى
كەپتەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ ( مۇكاپاتقا ئېرىشكەن
كەپتەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا ) .
ئاممىۋى
كەپتەرخانا ۋەدە بېرىدىكى يىغىلغان كەپتەر مەيلى قانچىلىك
بولسۇن، قائىدە ئۆزگەرمەيدۇ، ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى ئۆزگەرمەيدۇ.