كورلا شەھىرى 2017-يىللىق ئەتىياز پەسىللىك گۆھەر قۇتىسى مۇسابىقە قائىدىسى
بىرىنچى، كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى گۆھەر قۇتىسى مۇسابىقىسى «سەمىمىي، راستچىل، باراۋەر، ئادىل» بولۇش پىرىسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. ئىككىنچى، تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى خې بىن، ھاشىم، ئىلھام، جياۋ جېڭرۇڭ، جاۋ چۈەنشېڭ ئۈچىنچى، «گۆھەر قۇتىسى» مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى 1. «گۆھەر قۇتىسى» مۇسابىقىسىدە كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ 2017-يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئادەتتىكى مۇسابىقە تۆت ئۆتكەللىك كەپتەر پادىشاھى مۇسابىقىسىدە كۈچكە ئىگە مۇكاپاتقا ئېرىشىش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ. 2. مەزكۇر مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسىدىن %10 تۇتۇپ قېلىنىپ تەشكىللەش خىراجىتى ۋە مۇكاپات لوڭقىسىغا ئىشلىتىلىدۇ. تۆتىنچى، «گۆھەر قۇتىسى» مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش قائىدىسى 1. 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن (200 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) «گۆھەر قۇتىسى» مۇسابىقىسىدىكى ئالدىنقى بەش كەپتەرگە مۇكاپات تەقسىملىنىدۇ: چېمپيون %30، 2-دەرىجە %25، 3-دەرىجە %15، 4-دەرىجە %11، 5-دەرىجە %9. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر باجنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. 2. 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى «گۆھەر قۇتىسى» مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى 8 كەپتەرگە مۇكاپات تەقسىملىنىدۇ: چېمپىيون %30، 2-دەرىجە %20، 3-دەرىجە %15، 4-دەرىجىدىن 8-دەرىجىگىچە ھەربىرىگە %5. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر باجنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. 3. «گۆھەر قۇتىسى» مۇسابىقىسىدە بىرلا كەپتەر قايتىپ كېلىش قائىدىسى بېكىتىلىدۇ، نەتىجە تىزىملىكى توشمىغان بولسا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر ئىگىلىرىگە تېگىشلىك مۇكاپاتى بېرىلگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مۇكاپات سوممىسى ئوخشاش تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. 4. «گۆھەر قۇتىسى» مۇسابىقىسىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى: 200 كىلومېتىرلىق سالاھىيەت مۇسابىقىگە 10 يۈەن ئېلىنىدۇ؛ 300 كىلومېتىرلىق 1-ئۆتكەل مۇسابىقىگە 20 يۈەن ئېلىنىدۇ؛ 400 كىلومېتىرلىق 2-ئۆتكەل مۇسابىقىگە 30 يۈەن ئېلىنىدۇ؛ 500 كىلومېتىرلىق 3-ئۆتكەل مۇسابىقىگە 50 يۈەن ئېلىنىدۇ؛ 500 كىلومېتىرلىق 5-ئۆتكەل مۇسابىقىگە 100 يۈەن ئېلىنىدۇ؛ 5. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ھەق تاپشۇرۇپ، ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە، ئالماشتۇرۇشقا ۋە پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. 6. 1-ئۆتكەلدە كۈچكە ئىگە ئۇۋىغا قايتىش مۇددىتىدە بىرمۇ كەپتەر قايتىپ كەلمىسە، مۇكاپات پۇلى 1-ئۆتكەل «گۆھەر قۇتىسى» مۇسابىقىسىدە قەپەسكە سولانغان كەپتەرلەرگە ئوخشاش تەقسىم قىلىنىدۇ. 2-ئۆتكەلدە كۈچكە ئىگە ئۇۋىغا قايتىش مۇددىتىدە بىرمۇ كەپتەر قايتىپ كەلمىسە، مۇكاپات پۇلى 2-ئۆتكەل «گۆھەر قۇتىسى» مۇسابىقىسىدە قەپەسكە سولانغان كەپتەرلەرگە ئوخشاش تەقسىم قىلىنىدۇ. 3-ئۆتكەلدە كۈچكە ئىگە ئۇۋىغا قايتىش مۇددىتىدە بىرمۇ كەپتەر قايتىپ كەلمىسە، مۇكاپات پۇلى 3-ئۆتكەل «گۆھەر قۇتىسى» مۇسابىقىسىدە قەپەسكە سولانغان كەپتەرلەرگە ئوخشاش تەقسىم قىلىنىدۇ، مۇشۇ قائىدە بويىچە داۋاملىشىدۇ. بەشىنچى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزالارنىڭ مۇسابىقىدىكى نەتىجىگە پىكرى بولسا، چوقۇم مۇسابىقە نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ 24 سائەت ئىچىدە كېسىم ھەيئىتىگە يازما شەكىلدە ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە 500 يۈەن شىكايەت قىلىش ھەققى تاپشۇرۇشى، ئىسپات تاپشۇرۇشى لازىم، كېسىم ھەيئىتى ئاخىرقى كېسىمنى چىقىرىدۇ. ئالتىنچى، كېسىم ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى. گۇڭ خوۋيى (شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى)، جاڭ زېلىياڭ (ئوبلاستلىق كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى)، خې بىن (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى)، جاۋ چۈەنشېڭ (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)، جياۋ جېڭرۇڭ (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)، ئىلھام (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)، ھاشىم (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى). يەتتىنچى، بۇ نىزامنى ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىگە تەۋە
كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
|