2017-يىللىق ئەتىياز پەسىللىك مۇسابىقە قائىدىسى
بىرىنچى، مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار
1. ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن: كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى
2. نازارەت قىلغۇچى ئورۇن: كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسى
ئىككىنچى، مۇسابىقە تۈرلىرى
(1) 200km سالاھىيەت مۇسابىقىسى، ئىزاھات: مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەربىر كەپتەر قەپەسكە سولىنىشى لازىم، شامال سۈرئىتى ھېسابلانمايدىغان كەپتەرگە نىسبەتەن ئەسلىدىكى قەپەسكە سولانغان كەپتەرنىڭ سانلىق مەلۇماتى ساقلاپ قىلىنىدۇ ، بۇ كەپتەر پادىشاھىنى باھالاشتا ئاساس قىلىنىدۇ، ئەگەر سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە قەپەسكە سولانمىغان بولسا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ بارلىق نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
(2) 1-ئۆتكەل 300km تاق ئۆتكەل مۇسابىقىسى
(3) 2-ئۆتكەل 400km تاق ئۆتكەل مۇسابىقىسى
(4) 3-ئۆتكەل 500km تاق ئۆتكەل مۇسابىقىسى
(5) 4-ئۆتكەل 500km تاق ئۆتكەل مۇسابىقىسى
(6) 300km، 400km، 500km، 500km، تۆت ئۆتكەللىك كەپتەر پادىشاھى مۇسابىقىسى
(7) 200km، 300km، 400km، 500km، 500km، بەش ئۆتكەللىك كەپتەر پادىشاھى گۆھەر ماكانى مۇسابىقىسى
(8) تاق ئۆتكەللىك بەلگىلەنگەن كەپتەر مۇسابىقىسى
مۇسابىقە تۈرى كەپتەر يىغىش ۋاقتى ئۇچۇرىدىغان ئورۇن ھەق ئېلىش
200km سالاھىيەت مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 15:00-18:00 نېفىت تاشيولى 5 يۈەن / كەپتەر
1-ئۆتكەل 300km ئادەتتىكى مۇسابىقە 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 15:00-18:00 غەربىي بۈگۈر 20 يۈەن / كەپتەر
2-ئۆتكەل 400km ئادەتتىكى مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 15:00-18:00 ئارال 30 يۈەن / كەپتەر
3-ئۆتكەل 500km ئادەتتىكى مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00-12:00 غەربىي ئارالدىن 85 كىلومېتىر يىراقلىقتا 40 يۈەن / كەپتەر
4-ئۆتكەل 500km ئادەتتىكى مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00-12:00 غەربىي ئارالدىن 85 كىلومېتىر يىراقلىقتا 50 يۈەن / كەپتەر
ئۈچىنچى، مۇكاپاتلاش چارىسى
1. 1-ئۆتكەل 300km ئادەتتىكى مۇسابىقىدىكى ئىسىم تەرتىپى ۋە مۇكاپاتى (ئالدىنقى 3 نەپەرگە لوڭقا مۇكاپات بېرىلىدۇ)
چېمپىيون 2000 يۈەن، 2-دەرىجە 1000 يۈەن، 3-دەرىجە 800 يۈەن، 4-10 دەرىجە ھەربىرىگە 300 يۈەن، 11-150 دەرىجە ھەر بىرىگە 100 يۈەن.
2. 2-ئۆتكەل 400km ئادەتتىكى مۇسابىقىدىكى ئىسىم تەرتىپى ۋە مۇكاپاتى (ئالدىنقى 3 نەپەرگە لوڭقا مۇكاپات بېرىلىدۇ)
چېمپىيون 3000 يۈەن، 2-دەرىجە 2000 يۈەن، 3-دەرىجە 1000 يۈەن، 4-10 دەرىجە ھەربىرىگە 500 يۈەن، 11-150 دەرىجە ھەر بىرىگە 100 يۈەن.
3. 3-ئۆتكەل 500km ئادەتتىكى مۇسابىقىدىكى ئىسىم تەرتىپى ۋە مۇكاپاتى (ئالدىنقى 3 نەپەرگە لوڭقا مۇكاپات بېرىلىدۇ)
چېمپىيون 3000 يۈەن، 2-دەرىجە 2000 يۈەن، 3-دەرىجە 1000 يۈەن، 4-10 دەرىجە ھەربىرىگە 500 يۈەن، 11-100 دەرىجە ھەر بىرىگە 100 يۈەن.
4. 4-ئۆتكەل 500km ئادەتتىكى مۇسابىقىدىكى ئىسىم تەرتىپى ۋە مۇكاپاتى (ئالدىنقى 3 نەپەرگە لوڭقا مۇكاپات بېرىلىدۇ)
چېمپىيون 4000 يۈەن، 2-دەرىجە 3000 يۈەن، 3-دەرىجە 2000 يۈەن، 4-10 دەرىجە ھەربىرىگە 500 يۈەن، 11-100 دەرىجە ھەر بىرىگە 100 يۈەن.
5. تۆت ئۆتكەللىك ئادەتتىكى مۇسابىقىدىكى ئۇنىۋېرسال كەپتەر پادىشاھىنىڭ ئىسىم تەرتىپى ۋە مۇكاپاتى (ئالدىنقى 10 نەپەرگە لوڭقا مۇكاپات بېرىلىدۇ)
چېمپىيون 20000 يۈەن، 2-دەرىجە 10000 يۈەن، 3-دەرىجە 5000 يۈەن، 4-10 دەرىجە ھەربىرىگە 2000 يۈەن، 11-50 دەرىجە ھەر بىرىگە 1000 يۈەن.
تۆتىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى
1. مەزكۇر قائىدىگە ئەمەل قىلالايدىغان پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەممىسى قاتنىشالايدۇ.
2. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرنىڭ ئىگىسى چوقۇم كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىدە تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە شۇ يىللىق ئەزالىق ھەققىنى تاپشۇرغان ئەزا بولۇشى لازىم.
3. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرگە چوقۇم شىنجاڭ پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى تارقىتىپ بەرگەن (30 ۋاكالەت نومۇرى) ئىلگىرىكى يىللاردىكى جۇڭگونىڭ رەسمىي پۇت ھالقىسىنى تاقاش كېرەك ھەمدە پۇت ھالقىسى كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك، ئىككىسىدىن بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، شىنجاڭ كەپتەر جەمئىيىتى تارقىتىپ بەرگەن پۇت ھالقىسىنى تاقىمىغان بولسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.
4. كەپتەر ئىگىسى مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ بەدىنىگە تامغا قويماسلىقى ۋە بەلگە سالماسلىقى لازىم، بولمىسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.
5. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئۇزۇنلۇق-كەڭلىك، ئادرېس، ئېلېكتىرونلۇق سىكاننېرلاش دوكلاتىدىكى تېلېفون نومۇرى، كەپتەر سائىتى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى چوقۇم مەزكۇر كەپتەر جەمئىيىتىدە ئەنگە ئالدۇرغان ئۇچۇرلار بىلەن بىردەك بولۇشى لازىم، پەرق كېلىپ چىقسا بارلىق نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ (مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۆزىڭىز تەكشۈرۈڭ، ئەگەر بىردەك بولمىسا دەرھال كەپتەر جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۈزىتىڭ).
6. كەپتەر يىغقان ۋاقىتتا چوقۇم كەپتەر ئۇچۇرۇش جەدۋىلىنى توغرا تولدۇرۇڭ، ئۆزگەرتىشكە ۋە خاتا يېزىشقا بولمايدۇ، ئېلېكتىرونلۇق كەپتەر سائىتى بىلەن كەپتەر يىغىشتىن بۇرۇن، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى توغرا كىرگۈزۈش كېرەك، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرنىڭ ئۇچۇرى خاتا كىرگۈزۈلگەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا، بۇ مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
7. كەپتەر يىغىدىغان ئورۇن: كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى (94-ئولتۇراق رايون يول ئۈستىدىكى دۇكان)، كەپتەر يىغىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز.
بەشىنچى، مۇسابىقە چارىسى
1. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە 2015-يىللىق جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى تارقاتقان «پوچتا كەپتەرلىرىنى ئۇچۇرۇش قائىدىسى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى» قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. كەپتەرلەرنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپاتىدىن ئېلىنىدىغان باجنى كەپتەر ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئولىمپىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش نىزامى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
2. يۈنفېي ئېلېكتىرونلۇق سىكاننېرلايدىغان قونۇش تاختىسى ئىشلىتىدىغان كەپتەر ئىگىسى ماشىنا سىناشقا قاتنىشىدۇ، ماشىنا سىناشقا قاتناشمىغان مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ ئىگىسى مۇسابىقىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ (80 كىلومېتىرلىق ۋە 120 كىلومېتىرلىق سىناق) ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
3. مۇسابىقىدە ساختىلىقتىن ساقلىنىش:
(1) بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە نازارەت ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ، 5 نەپەر ۋەكىل سايلىنىپ ھەر قايسى مۇسابىقىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ. ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە نازارەت ھەيئىتى كەم دېگەندە 2 ئادەمنى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ كەپتەر ئۇچۇرۇشنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
(2) مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرنىڭ ئىگىسى چوقۇم كەپتەر جەمئىيىتى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان «يۈنفېي» ماركىلىق ئېلېكتىرونلۇق سىكاننېرلاش كەپتەر سائىتىنى ئىشلىتىشى لازىم. «يۈنفېي» ئېلېكتىرونلۇق سىكاننېرلاش سائىتى ئىشلىتىپ، مۇسابىقىدە ئەگەر كەپتەر سائىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ يوللانمىسا، بىرىنچى قېتىم ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەن 90 مىنۇت ئىچىدە كەپتەر جەمئىيىتىگە بېرىپ مەلۇم قىلىش كېرەك، بىرىنچى قېتىم يوللاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە بۇ كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
4. مۇسابىقە كۈنى ياكى ئەتىسى كەپتەر جەمئىيىتى رېپېرلارنى ئەۋەتىدۇ، رېپىرلار ئالدىنقى 10 نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنى ئائىلىلەرگە بېرىپ تەكشۈرىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزا چوقۇم بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى لازىم، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن كەينىگە سۈرۈشكە، رەت قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرنىڭ بارلىق نەتىجىسى ۋە سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
5. ھەرقايسى مۇسابىقىلەردە، ئۈنۈملۈك ئۇچۇش ۋاقتى كەپتەر ئۇچۇرغان كۈنىدىكى قەپەس ئېچىلغان ۋاقىتتىن باشلىنىپ شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:00 دە سائەتنى پېچەتلەپ، تورنى ئۈزگەندە ئاخىرلىشىدۇ.
6. تۆت ئۆتكەللىك مۇسابىقە كەپتىرى پادىشاھىنىڭ ئىسىم تەرتىپىنى باھالاش: تاق كەپتەر مۇسابىقىسىدە ھەر قېتىملىق تاق ئۆتكەلنىڭ سۈرئىتى ئۆزئارا قوشۇلىدۇ، ئەگەر شامال سۈرئىتى ئوخشاش بولۇپ قالسا ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەلدە سۈرئىتى تېز بولغانلارنىڭ ئىسمى ئالدىغا تىزىلىدۇ.
7. گۆھەر قۇتىسى مۇسابىقىسى تاق ئۆتكەل بەلگىلەنگەن كەپتەر مۇسابىقىسىدە پەقەت بىرلا كەپتەر قايتىپ كېلىش توغرىسىدىكى قائىدە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. باشقا مۇسابىقىلەردە كەپتەر ئىگىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ ئىسىملىكى بويىچە مۇكاپاتىنى ئالىدۇ. ئەگەر مۇسابىقە تىزىملىكى توشمىغان بولسا، ئېشىپ قالغان مۇكاپات پۇلى كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ كېلەر يىللىق پائالىيەت مەبلىغىگە قوشۇلىدۇ.
ئالتىنچى، باشقا ئىشلار
1. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ۋاقىت بېكىتىپ خۇلاسە قىلىش، مۇكاپات تارقىتىش ۋە كىمئارتۇق قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ، يىغىن ۋاقتى شۇ چاغدا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
2. كىمئارتۇق قىلىش قائىدىسى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەردىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ ھەممىنى كەپتەر ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ.
3. تەبىئىي ئاپەت، ئېغىر ۋابا، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ قاتارلىق ئەھۋاللاردا مۇسابىقە ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا ياكى كەينىگە سۈرۈلسە بولىدۇ، ئەگەر ھاۋا ناچار بولۇپ قالسا كورلا شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتى مۇسابىقە نازارەت قىلىش ھەيئىتى مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى كەينىگە سۈرۈشنى قارار قىلىدۇ.
4. مۇسابىقىنىڭ ئادىل، باراۋەر، ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نازارەت قىلىش ھەيئىتى، كېسىم ھەيئىتى، رېپىرلار ھەيئىتىنىڭ ئىسىملىكىنى كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى بېكىتىدۇ، مۇسابىقىدە كەپتەر يىغىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەزالارنىڭ مۇسابىقىدىكى نەتىجىگە پىكرى بولسا، چوقۇم مۇسابىقە نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە يازما شەكىلدە كېسىم ھەيئىتىگە ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە 500 يۈەن شىكايەت قىلىش ھەققى تاپشۇرۇشى، ئىسپات تاپشۇرۇشى لازىم، كېسىم ھەيئىتى ئاخىرقى كېسىمنى چىقىرىدۇ.
5. كېسىم ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى. گۇڭ خوۋيى (شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى)، جاڭ زېلىياڭ (ئوبلاستلىق كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى)، خې بىن (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى)، جاۋ چۈەنشېڭ (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)، (جياۋ جېڭرۇڭ (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)، ئىلھام (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)، ھاشىم (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى).
6. بۇ قائىدىنى ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىگە تەۋە، بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە يوللىنىپ ئەنگە ئېلىنىدۇ.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
|