بۈگۈر ناھىيەلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ 2017-يىل كۈز پەسىللىك «تىنىچلىق
لوڭقىسى»نى تالىشىش 80200.00 يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتلىق مۇسابىقە قائىدىسى
مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئورۇن: بۈگۈر ناھىيەلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى
نازارەت قىلغۇچى ئورۇن: بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىيو- تېلۋېزىيە ئىدارىسى ۋە ھەر مىللەت كەپتەر
ھەۋەسكارلىرى
كۈز پەسىللىك مۇسابىقە
تۈرلىرى:
200 كىلومېتىر، 300 كىلومېتىر، 500 كىلومېتىرلىق ئادەتتىكى ھالقا
تاق ئۆتكەل، كۆپ ئۆتكەل كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى ۋە 200 كىلومېتىر، 300 كىلومېتىر، 500 كىلومېتىرلق ئالاھىدە ھالقا ئۈچ ئۆتكەللىك كەپتەر شاھى كاتتا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى، چوڭ، كىچىك كوللىكتىپ مۇسابىقىسى
مۇسابىقە ۋاقتى،
قويۇپ بېرىش نوقتىسى، ھەق يىغىش
ئۆلچىمى ۋە كەپتەر يىغىش ۋاقتى:
1. 2017-يىل 9-ئاينىڭ
ئوتتۇرىدىن باشلاپ 10قېتىملىق مەشىق قويۇپ بېرىلىدۇ، مەشىق ھەققىنى كەپتەرچىلەر
جەمئىيىتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەزالاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ، كەپتەر يىغىش ۋاقتى: مەشىقنىڭ ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 17:00دىن 21:00غىچە.
كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
1. 2017-يىل 9- ئاينىڭ
24- كۈنى 150 كىلومېتىر سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر كەپتەر
ئۈچۈن 10.00يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى
17:00دىن 20:00غىچە. كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
2. 2017-يىل 10-
ئاينىڭ 1- كۈنى 200 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە ئىلىپ
بېرىلىدۇ، ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 20.00يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى
كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 15:00دىن 18:00غىچە. كىچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
3. 2017-يىل 10- ئاينىڭ 8- كۈنى 300 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن
30.00 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى
14:00دىن 17:00غىچە. كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
4. 2017-يىل 10-
ئاينىڭ 15- كۈنى 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 40.00
يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 10:00دىن 16:00غىچە.
كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
ئەسكەرتىش: يۇقارقى مۇسابىقە ۋاقىتلىرىدا ناچار ھاۋارايىلىق ئەھۋال كۆرۈلسە ياكى باشقا ئالاھىدە
ئەھۋاللار يۈز بەرسە جەمئىيىتىمىزدىكى ئەزالارنىڭ پىكرىنى قۇبۇل قىلغان ئاساستا
مۇۋاپىق ۋاقىتقا تەڭشىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈندىدار توپى ۋە تور بېكىتىدە ئېلان
قىلىنىدۇ)
مۇسابىقە لىنىيەسى ۋە قويۇپ بېرىش نوقتىسى ئەزالارنىڭ
تەلىپىگە ئاساسەن قايتا مۇزاكىرە قىلىنىپ تەڭشىلىدۇ، بېكىتىلگەندىن كىيىن
ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
ئادەتتىكى ھالقا: ئومۇمىي مۇكاپات 6200+12400+16000+1000=35600
يۈەن
1. سالاھىيەت
مۇسابىقىسىدە يىغىلغان پۇل جەمئىيەتنىڭ كۈزلۈك بارلىق مۇسابىقە چىقىملىرىغا
ئىشلىتىلىدۇ، ئېشىنچا پۇل جەمئىيەتنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
2. 200كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسىدە يۈز
دەرىجە تەسىس قىلىندى، ئومۇمىي مۇكاپات 6200 يۈەن، دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەرگە
ئېھتىياجىغا ئاساسەن قايتقانلىق ئىسپاتى تارقىتىپ بېرىلىدۇ، مۇكاپات تەپسىلاتى
تۆۋەندىكىچە:
چىمپىيۇن
|
ئىككىنجى
|
ئۈچىنجى
|
4~10
|
11~100
|
500
|
300
|
200
|
100
|
50
|
|