بۈگۈر ناھىيەلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ 2016-يىل كۈز پەسىللىك مۇسابىقە قائىدىسى
كۈز پەسىللىك مۇسابىقە:
120 كىلومېتىر سالاھىيەت مۇسابىقىسى ۋە 200كىلومېتىر، 300 كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسى 400كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسى ( ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى)دىن ئىبارەت تۆت ئۆتكەللىك مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇسابىقە ۋاقتى، قويۇپ بېرىش نوقتىسى، ھەق يىغىش ئۆلچىمى ۋە كەپتەر يىغىش ۋاقتى:
1. 2016-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ 10قېتىملىق مەشىق قويۇپ بېرىلىدۇ، كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ھەر كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 17:00دىن 21:00غىچە. كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
1. 2016-يىل 9- ئاينىڭ 28- كۈنى كىلومېتىر120 سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 10.00يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى : قۇملۇق تىرانسىپورت 5- قۇدۇق. كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 17:00دىن 20:00غىچە. كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
2. 2016-يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنى 200 كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 20.00يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى : ئوتتۇرا تارىم كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 17:00دىن 20:00غىچە. كىچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
3. 2016-يىل 10- ئاينىڭ 8- كۈنى 300 كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 30.00 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى : ئوتتۇرا تارىم كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 14:00دىن 18:00غىچە. كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
4. 2016-يىل 10- ئاينىڭ 15- كۈنى 400 كىلومېتىر ئادەتتىكى مۇسابىقىسى ۋە ئالاھىدە مۇسابىقىسى بىر قېتىمدا ئىلىپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 40.00 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. ئالاھىدە ھالقا كەپتەرلەردىن ھەق ئېلىنمايدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى: قۇملۇق تاش يولى 405كىلومىتىر بۆلىكى. كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 14:00دىن 18:00غىچە. كىچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
1. مۇكاپات سوممىسى يۇقارقى مەشىق ۋە مۇسابىقىدە يىغىلغان ھەق بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. 120 كىلومېتىر سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە يىغىلغان پۇلدىن كۈزلۈك بارلىق مۇسابىقىنىڭ ماشىنا ھەققى ئۈچۈن چىقىم قىلىپ، قالغىنى جەمئىيەتنىڭ باشقا مۇسابىقە چىقىملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
2. 200كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسىدە يىغىلغان ھەقلەرنىڭ %20تى جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل چىقىملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. %30تى 200كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتى قىلىپ تارقىتىلىدۇ. %50تى 400كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن قالدۇرۇلىدۇ. بىرىنچىدىن ئۈچىنچىگىچە مۇكاپات لوڭقىسى ۋە تەقدىرنامە، 4~10-گىچە تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسىنىڭ تارقىتىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
چىمپىيۇن
|
ئىككىنچى
|
ئۈچىنچى
|
4~10
|
%25
|
%15
|
%10
|
%50
|
|